Wednesday, 6 July 2011

بىر قىسىم تارىخى سۈرەتلەر

شېۋىتسىيە ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت سۈرەتلەر
[img]

[/img]

















IMG]http://i603.photobucket.com/albums/tt115/kokyar/09051518233b851a101eb1256e.jpg[/IMG]



















باشقا سۈرەتلەرنى ئىنكاس شەكلىدە يوللارمەن.بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئۈستىدە چۈشەندۈرىشى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى قالغان ئىزاھاتلارنى باشقا تورداشلارنىڭ ھاۋالىسىگە قويدۇم.
بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەر ھەققىدە ئالىم ئەسئەد سۇلايمان ئەپەندى ئۆزىنىڭ شېۋىتسىيىدىكى تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش ھاياتىنى ئاساسى تېما قىلىپ يازغان "ئۆزلۈك ۋە كىملىك "ناملىق كىتابىدا مۇنداق ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ:
"دۈشەنبە كۈنى سەھەردە مېترو بىلەن ئۇدۇل تېگنىرگاتان كوچىسىغا باردىم.سېپىرلىق فوتۇ ئاپپاراتىم بىلەن كومپىيوتېرىمنىمۇ ئېلىۋالدىم.بۇ ستوكھولىمنىڭ كونا كوچىلىرىدىن بولۇپ ،سېلىنغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.مەن ئانچە قىينالمايلا 10-نومۇرلۇق قورۇنى تاپتىم.دەرۋازىغا"svenska mission kyrkan"دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغانىكەن.بىناغا كىرگەندىن كېيىن ئارخىپ بۆلۈمىنىڭ 5-قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدىم -دە،ئۈستىگە چىقتىم.
..........
مەن ئارخىپخانىغا كىردىم.ئۇنىڭ ئىچى ئازادە ھەم رەتلىك بولۇپ،قاتار -قاتار ئارخىپ جازىلىرى بىر-بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ تىزىلغانىدى.
.........
كاتارىنا خانىم مېنى سۈرەتلەر ساقلىنىۋاتقان بۆلۈمگە باشلاپ باردى.جازىلار بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ،ئاستىغا چاق بېكىتىلگەچكە سۈرگىلى بولاتتى.ھەر بىر تارتمىغا نومۇر قويۇلغان بولۇپ،مۇشۇ ئىندىكىسكە ئاساسەن خالىغان سۈرەتنى تاپقىلى بولاتتى.
شۇنداق قىلىپ شۋىت مىسسىئونېرلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىن تاريقان فوتو سۈرەتلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم.ھەربىر تارتمىغا تەخمىنەن يۈز پارچىدىن سۈرەت قويۇلغان بولۇپ،ھەر بىر پارچە سۈرەتنى كارتون قەغەزگە ئېھتىيات بىلەن چاپلاپ،ئاستىغا شۋېتچە چۈشەندۈرۈش يېزىلغان ۋە نومۇر بېرىلگەنىدى.چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا بەش تارتمىدىكى 500پارچىغا يېقىن فوتو سۈرەتنى كۆرەلىدىم.بۇلارنىڭ ئىچىدىن قىممىتى يوقىرى دەپ قارالغان سۈرەتلەرنى كاتارىنا خانىمنىڭ رۇخسىتى بىلەن سىپىرلىق فوتو ئاپپاراتىم ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ ماڭدىم.بۇ سۈرەتلەر تۈرلۈك ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ،شۋېت مىسسىئونېرلىرى تەرىپىدىن 1890-يىلىدىن 1938-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىلغان ئىدى.
..................بۇ سۈرەتلەر ئومۇمەن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى،مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادىتى،شەھەر-بازارلار ۋە يېزا -قىشلاقلارنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرىنى چۈشىنىشتە تولىمۇ قىممەتلىك ماتېرىياللار ھېسابلىناتتى."_______ئەسئەد سۇلايمان :"ئۆزلۈك ۋە كىملىك"127-129-بەتلەر

No comments:

Post a Comment